- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي كومىتېتى ئۆسمۈر-پىيونېرلار خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش خاتىرىسى
2015.06.03 14:36 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن «ۋەتەن غۇنچىلىرىنى قۇياش نۇرىدا پورەكلىتەيلى-يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۆسمۈرلەر، بالىلار ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش خاتىرىسى»نى تارقاتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى دۆلەتنىڭ تۈپ ئۇلۇغۋار پىلانى قىلىپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلارغا تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىش شارائىتى ۋە مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ھازىرلاپ بەردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆسمۈرلەر، بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ئۈزلۈكسىز چىقاردى. بۇ يىل 2-ئايدا دېھقانلار كالېندارى بويىچە قوي يىلىدىكى چاغان يېتىپ كەلگەن پەيتتە، شەنشىگە تەكشۈرۈشكە بارغان باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مائارىپ ناھايىتى مۇھىم، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازىلار، نامرات جايلارنىڭ تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئاساسى يەنىلا مائارىپنى چىڭ تۇتۇشتا، بالىلىرىمىزنى ئوقۇشسىز قويماسلىقىمىز كېرەك. مائارىپقا، ئاساسىي مائارىپ، بولۇپمۇ كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارنىڭ ئاساسىي مائارىپىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مالىيە مەبلىغىدە بۇ جەھەتكە ئېتىبار بېرىش كېرەك. مائارىپ ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ھەم مائارىپ ئادىللىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر ئالاھىدە مائارىپقا بولغان سېلىنمىنى داۋاملىق كۆپەيتتى، 2013-يىلىنى 2003-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئالاھىدە مائارىپقا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ بىر مىليارد 700 مىليون يۈەندىن توققۇز مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %18.6 ئاشتى؛ يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى راسخوت كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى 2014-يىلى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى راسخوت كاپالەت مېخانىزمى مەبلىغىدىن 87 مىليارد 897 مىليون يۈەن ئاجراتتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئازايغان ئەھۋالدا، يەنىلا 2013-يىلى بەش مىليارد 60 يۈەن ئەتراپىدا ئاشۇرۇپ، ئاشۇرۇش نىسبىتى %6.1 بولدى. 2014-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 64 مىڭ ئوقۇتۇش نۇقتىسى رەقەملىك مائارىپ بايلىقى بىلەن تولۇق قاپلاندى، چەت-يىراق يېزىلاردىكى تۆت مىليوندىن ئارتۇق بالا بۇنىڭ بىلەن ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن بولدى. گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى «دۆلەتنىڭ نامرات جايلاردىكى بالىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ 2014-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان پىلانى»نى چىقىرىپ، نامرات جايلاردىكى بالىلارنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىيات ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ نامرات جايلاردىكى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا قىلغان غەمخورلۇقى ۋە ئومۇميۈزلۈك كاپالىتىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا يېزىلاردىكى ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكىر»نى بىرلىكتە چىقىرىپ، مەكتەپ ياتاقلىرى، ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش ۋە قاتناش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغان بالىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «ھامىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»نى بىرلىكتە چىقىرىپ، ھامىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان قورامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن بىلەن قوغداش قالقىنى ھازىرلاپ بەردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە ئېنىق تەلەپ قويۇپ، پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلىي تەربىيە، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلارغا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلارنى ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ياخشى تەربىيەلەپ، ياخشى يېتەكلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى. بۇ يىل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ھەققىدىكى پىكرى»نى چىقىرىپ، پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ تەشكىلات خىزمىتىگە بولغان تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ئارقىسىدا، ئۆسمۈرلەر، بالىلار كىچىكىدىن تارتىپ كۈچلۈك ئىرادە باغلاپ، غايە تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق يېتىشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، بۇندىن كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پۇختا بىلىم ئاساسى، پەزىلەت مەنبەسى ھازىرلاپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرماقتا!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر