باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى مىنىستىرلىق يەرلەرنى ئاشلىقتىن، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2015.06.02 16:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يەرلەرنى ئاشلىقتىن، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  نۆۋەتتە ئېلىمىزدە يېزا يەرلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كۆلىمى ئومۇمىي كۆلەمنىڭ %30 دىن ئېشىپ كەتتى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى خەن چاڭفۇ مۇنداق دېدى : يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولماقتا، لېكىن بەزى خاھىش خاراكتېرلىك، بىخ خاراكتېرلىك مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى، بەزى جايلار مەمۇرىي جەھەتتىن تۈرتكە بولۇشقا بېرىلىپ كېتىپ،ئوبوروت سۈرئىتى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك تىجارەت قىلىش ئۈستىدە بىر تەرەپلىمە قوغلاشتى؛ بەزى سودا سانائەت كاپىتالى يېزا ئىگىلىكىگە كىرگەندىن كېيىن ، يېزا يەرلىرىنى ئۇزاق ۋاقىت كەڭ كۆلەمدە بىۋاسىتە ئىجارىگە ئېلىپ، دېھقانلار بىلەن مەنپەئەت تالاشتى، بەزىلىرىنىڭ باشقۇرۇشى ياخشى بولماي، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى، ئىجتىمائىي زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزدى؛ ھەتتا يەرلەر ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندىن كېيىن غەيرىي يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى قىلىنىپ، تېرىلغۇ يەر بايلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر