باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىياڭگىرىلا سۆزلىشىش يىغىنىدا مۇھىم نۇقتا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىك قارالمىسىغا قارىتىلدى

2015.06.02 15:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن مۇداپىئە تارماقلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ رەھبەرلىرى 29-ماي سىنگاپورغا يىغىلىپ، 14-نۆۋەتلىك شىياڭگىرىلا سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىپ،ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەنئەنىسى ۋە غەيرى ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك قارالمىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك شياڭگىرىلا سۆزلىشىشى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىككى تەرەپلىك ياكى كۆپ تەرەپلىك ئۇچرىشىدۇ. سىنگاپورنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇاڭ يوڭخوڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل شياڭگىرىلا سۆزلىشىش يىغىنىدا دىنىي ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ تەھدىتى،چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي مۇقىملىقى ۋە ئاپەت، تور بىخەتەرلىكى تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتلەردە دۆلەت ھالقىپ ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشتا يولۇقۇۋاتقان خىرىسنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق قارالمىلارغا قاراپ چىقىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر