- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
32 ئۆلكە، شەھەر، رايون سىياسەتنى تەڭشىدى، جامائەت فوندىدىن قانداق قىلىپ ياخشى پايدىلىنىش ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىنايدۇ
2015.06.02 15:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەمئىيەت بىردەك كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جامائەت فوندى قەرز پۇل يېڭى سىياسىتى 1-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە 32 ئۆلكە، شەھەر، رايون تۇرالغۇ جامائەت فوندى سىياسىتىنى تەڭشىگەن.
بۇ قېتىم جايلارنىڭ سىياسەتنى تەڭشىشى قەرز پۇل بېرىش سوممىسىنى ئۆستۈرۈش، تۇرالغۇ يۈرۈش سانىنى ئېتىراپ قىلىش ئۆلچىمىنى قويۇۋېتىش، تۇنجى قېتىملىق پۇل تۆلەش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەركىزىي بانكىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشىگە ئەگىشىپ، جامائەت فوندىنىڭ قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا ساھە ئىچىدىكى تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: جامائەت فوندى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئۆي سېتىۋېلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى جامائەت فوندى يېڭى سىياسىتىنىڭ ياخشى مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندۈرۈش ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىنايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر