باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

« گۈزەل جۇڭگو . يىپەك يولى » مىلان دۇنيا يەرمەنكىسىدە نامايان بولدى

2015.05.27 21:49         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان « گۈزەل جۇڭگو. يىپەك يولى » باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات كۈنى پائالىيىتى 22-ماي 2015- يىللىق مىلان دۇنيا يەرمەنكىسىدىكى جۇڭگو سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، خېنەن، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكە، رايونلار بىلەن ئىتالىيەنىڭ تۇسكان قاتارلىق 10 چوڭ رايونى ساياھەتچىلىك ھەمكارلىق باياناتنامىسى ئىمزالىدى. جۇڭگو-ئىتالىيە ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ساياھەتچىلىكتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى 22- ماي جۇڭگو سارىيىنىڭ 2- قەۋەتتىكى كۆپ ئىقتىدارلىق زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەتچىلىك تارماقلىرى ۋە كارخانىلىرىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق مېھمان بۇ دەقىقىلەرگە شاھىت بولدى. ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى كىشىلەرنى تېخىمۇ قويۇق بېرىش-كېلىش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئۆزئارا قوللاش، خادىملارنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش، يېڭى تاراتقۇلار قوللانمىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. جۇڭگو دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەن ۋېنمىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرى ياۋروپادا نامايان قىلىنىپ، ئىتالىيەنى جۇڭگو ساياھەتچىلىكىدىكى تېخىمۇ كۆپ تونۇشقا ئىگە قىلىپ، جۇڭگو-ئىتالىيە ساياھەتچىلىكىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئىتالىيە مەدەنىيەت-ساياھەت مىنىستىرلىقى ساياھەت سىياسىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى Ohno Frio · Cutajarئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى جۇڭگو يىپەك يولى ساياھەتچىلىكنى كېڭەيتىش ئۆمىكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قازاقىستان، تۈركىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق يىپەك يولى بويىدىكى ئۈچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان. 21-ماي كەچ كېڭەيتىش ئۆمىكى ئىتالىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى، جۇڭگو -ئىتالىيە ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مىلاندا ئۆتكۈزۈلگەن « جۇڭگو ساياھەت كېچىسى » پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  كېڭەيتىش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، گەنسۇ ئۆلكىلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خې ۋېي پائالىيەتتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 2014-يىلى ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولغان جۇڭگولۇقلار 250 مىڭ ئادەم ( قېتىم ) غا يېتىدۇ، جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ئىتالىيەلىكلەر بولسا 1 مىليون 750 مىڭ ئادەم ( قېتىم ) غا يېتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر