مېخانىك 19-ماي جياڭشى نەنچاڭ چاتما دىۋىگاتېللىق پويىز ئىستانسىسىدا CRH380 بەلگىلىك چاتما دىۋىگاتىللىق پويىزنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى خۇ گولىن فوتوسى)
مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، پۈتۈن مەملىكەت تۆمۈر يولىدا 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يېڭى قاتناش خەرىتىسى يولغا قويۇلىدىكەن. يېڭى قاتناش خەرىتىسىگە قارىغاندا، پۈتۈن مەملىكەت تۆمۈر يولىدا 2844.5 يولۇچىلار پويىزى قاتنايدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 1696ى چاتما دىۋىگاتېللىق پويىز بولۇپ ئەسلىدىكى قاتناش خەرىتىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 97سى كۆپەيتىلگەن. دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، تۆمۈر يول يۈك ترانسپورتىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېڭى قاتناش خەرىتىسىدە جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، جۇڭگو-ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى ترانسپورت تەشكىلاتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن 21ى، جۇڭگو-ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزىدىن 17سى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئەسلىدىكى قاتناش خەرىتىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھەر بىرى ئىككىدىن كۆپەيتىلگەن.