باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى: چەت ئەللەرنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ، دېدى

2015.05.25 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ جىخەي تۈنۈگۈن ئېچىلغان 2015-يىللىق جۇڭگو مائارىپىنى خەلقئارالاشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنىدا، چەت ئەللەرنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. قىسمەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر چەت ئەللەردىكى قىسمەن مەكتەپلەر ئېلىمىز ئىلتىماس قىلغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدىكەن.

  مائارىپنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش «ئورۇنلاشتۇرۇشى»

  يۈ جىخەي مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ھازىر روسىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلار بىلەن يۇقىرى قاتلام ئىنسانلار مەدەنىيىتى ئالماشتۇرۇشقا ئوخشايدىغان مېخانىزم ئورناتتى، ئۇلارمۇ بۇ خىل سۇپا ئارقىلىق مائارىپقا نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىۋاتىدۇ. بىزنىڭ قىلىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ۋە قىلىشقا باشلىغان ئىشىمىز بولسا چەت ئەللەرنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ، لېكىن نىشانغا يېتىشقا يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت بار.

  مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە يۈ جىخەي مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مائارىپ مىنىستىرلىقى چىقارغان «مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، مائارىپ مىنىستىرلىقى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مائارىپ ھەرىكىتى پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر