- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىز ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، يولۇچىلار قارا تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ
2015.05.25 13:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى يېقىندا مەملىكەت بويىچە ساياھەتتىكى مەدەنىيەتسىزلىك قىلمىشلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئۈچ قىلمىشنىڭ ئىككىسى خەلق ئاۋىياتسىيە يولۇچىلىرىغا چېتىلىدۇ. جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا مەدەنىي ئولتۇرۇشى ۋە مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېقىندا دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى بىلەن مەدەنىي ساياھەت قىلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە كۈچەيتىش، ساياھەتتىكى مەدەنىيەتسىزلىك قىلمىشلىرىنى تۈزەش، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ۋە ساياھەت تەرتىپىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، ئىككى تارماق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ۋە ساياھەتتىكى مەدەنىيەتسىزلىك قىلمىشلىرىنى بىرلىكتە تۈزەيدۇ. خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئايروپىلاندىكى مەدەنىي بولمىغان، ئۆز بېشىمچى يولۇچىلارنى جازالاش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، بۇ يولۇچىلارنى ئىناۋەت ناچار خاتىرىسىگە كىرگۈزۈشنى ئويلىشىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر