باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن شەھەرنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا يەتتە تۇرۇشلۇق ئاپپارات تەسىس قىلىش تاماملىنىدۇ

2015.05.25 13:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا بېيجىڭ شەھىرىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى، شەھەرلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قاتارلىق شەھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگىنىغا يېڭىدىن يەتتە تۇرۇشلۇق ئاپپارات تەسىس قىلغان ھەمدە ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن شەھەرنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنى پۈتۈنلەي قاپلاشنى تاماملايدىكەن. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن كېيىن مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ خىزمىتى بۆلۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى قاتارلىق مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدا يەتتە تۇرۇشلۇق ئاپپارات تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتى يەرلىكنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشتە ئاپپارات تۇرغۇزۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم ئىلگىرىلەش دەپ ھېسابلاندى. بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ شەھىرى ئالاقىدار تارماقلار ۋە مىنىستىرلىق، كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى نازارەت قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، بىر قىسىم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە شەھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنى تاللاپ، ئۇنىڭدا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى تۇرغۇزدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر