- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەتلىك مىللىي رەسساملار يۇرتى قۇرۇلدى
2015.05.25 13:47 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
«جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى» تېمىسىدىكى چوڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجادىيەت قۇرۇلۇشىنى باشلاش ۋە دۆلەتلىك مىللىي رەسساملار يۇرتىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى يېقىندا بېيجىڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قۇرۇلۇشقا يۈز نەچچە ئاتاقلىق رەسسام تەكلىپ قىلىنىپ، بىر يېرىم يىل ئىچىدە، «ئىتتىپاقلىق ئارزۇسىنى مۇجەسسەملەش، تەرەققىيات ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش» باش تېمىسىدا ئېسىل گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجاد قىلىنىدۇ، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت ئىجادىيەت نەزەرىيەسىنى تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىنىدۇ ھەم كۆرگەزمە، مۇھاكىمە قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلەتلىك مىللىي رەسساملار يۇرتىنىڭ ئەسلىسى مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا تەسىس قىلىنغان مىللىي رەسساملار يۇرتى ئىكەن، ھازىر ئۇنىڭ قارمىقىدا دۆلەتلىك رەسساملار يۇرتى، ھۆسنخەت، ئويمىچىلىق يۇرتى، تانكا سەنئەت تەتقىقاتخانىسى قاتارلىق 11 مەخسۇس ئورۇن بار ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر