- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىسلاھاتى تەرەققىياتىدا يېڭى ئەندىزە بارلىققا كەلدى
2015.05.25 09:06
18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت ئىسلاھاتى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ چوڭقۇر غەمخورلۇق قىلىشى، تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشى، تېخىمۇ ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ يېڭى ئەندىزە ۋە كەيپىيات بارلىققا كەلدى.
2015-يىلى چاغان ھارپىسىدا، جۇڭگو دۆلەتلىك رەسساملار مەھكىمىسىدىكى 40 تىن ئارتۇق ئادەم قاتتىق سوغۇق، قار - مۇزغا قارىماي مۇقەددەس جاي يەنئەنگە بېرىپ، بۇ سېرىق توپىلىقتا ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، ئىجادىيەت ئۈچۈن ئىلھام ئىزدىدى. بۇ مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش ئورۇن قانات يايدۇرغان « تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن مەنزىرە.
ھەشەمەتلىك سەھنە يوق، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىراغ نۇرى يوق ئەھۋالدا، دېھقانلار ئاممىسى ئۆزلىرى باش رولچى بولدى. 2015-يىلى 12-فېۋرال، جېجياڭ «بىزنىڭ كەنتنىڭ كەچلىكى» دېگەن بۇ پائالىيەت سەھنىسىنى - شياۋشەنىڭ گۇالى بازىرىدىكى كەنت ئاھالىلەر مەدەنىيەت زالىغا كۆچۈپ كىردى ھەمدە سۈنئىي ھەمراھ بىۋاسىتە لىنىيەسى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۆلكە بويىچە ئون نەچچە ۋىلايەت، شەھەردىكى يېزىلار بىلەن بىرگە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار پىلاننى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇردى، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزدى. سىياسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تولۇق، جانلىق، جايىدا ئىشلەتتى؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چىڭ تۇتتى؛ يىللىق ۋەزىپە ھېساباتى ۋە ئىز قوغلاش مېخانىزمى ئورناتتى.
موڭغۇل چارۋىچىلار « رەقەملىك مەدەنىيەتنى كىگىز ئۆيگە كىرگۈزۈش » قۇرۇلۇشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « ئىلگىرى چەت، يىراققا جايلاشقانلىقتىن، مەدەنىيەت، ئۇچۇر بايلىقىغا ئېرىشىش يوللىرى بەك ئاز ئىدى، رەقەملىك مەدەنىيەتنى كىگىز ئۆيگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، توردىن نەرسە - كېرەك سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئىلمى تېخنىكى ساۋاتلىرىنى كۆرۈنمە چاستوتىدىن ئۆگىنىپ، تۇرمۇشىمىزدا بىردىنلا ئۆزگىرىش بولدى.
2013-يىلى ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2 تىرىليون 135 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %3.63 بولدى، بۇ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش قىممىتىدىن يۇقىرى. 2014-يىلى مەدەنىيەت كەسپى بىر قەدەر يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىنى داۋاملىق ساقلىدى.
بۈگۈنكى جۇڭگوغا نەزەر سالىدىغان بولساق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان خەلققە قولايلىق بولغان مەدەنىيەت سارايلىرى ھەممە يەردە قەد كۆتۈردى، ھال سوراش ئويۇنلىرى يېزىلارغا مەيدان مەيدانلاپ يەتكۈزۈلدى، ئەدەبىيات-سەنئەت مەزمۇنى تۇرمۇشقا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى، مەدەنىيەت كارخانىلىرى مەزمۇن جەھەتتە سىرتقا يۈزلىنىشتىن، كاپىتال جەھەتتە سىرتقا يۈزلىنىشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدى. مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، يېڭى ھاياتى كۈچى تولۇپ تاشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر