باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«2015-يىللىق مايسا ئاسراش تور ھەرىكىتى» قانات يايدۇرۇلىدۇ

2015.05.25 09:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان تور مۇھىتى يارىتىش، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تور بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن دۆلەتلىك ئىنتېر تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى مەملىكەت مىقياسىدا « 2015-يىللىق مايسا ئاسراش تور ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  دۆلەتلىك ئىنتېر تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە تور ئەھلى پاش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىنىدۇ، ئۆسمۈر بالىلار ئاساسىي ئابۇنىت بولغان نۇقتىلىق تورلار، نۇقتىلىق قوللىنىدىغان تورلار ۋە نۇقتىلىق ھالقىلار مەركەزلىك تىزگىنلىنىدۇ، تەشۋىقات تەربىيە كۈچەيتىلىپ، ئەمەلىي خىزمەت ۋە ئاخبارات تەشۋىقات بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلار ۋە ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، كۈچلۈك جامائەت پىكىرى ۋەزىيىتى يارىتىلىپ، تور مۇھىتى ئۈنۈملۈك ساپلاشتۇرۇلۇپ، 1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى ئۈچۈن ياخشى تور مۇھىتى يارىتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر