باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارا مائارىپ ئۇچۇرلاشتۇرۇش يىغىنى چىڭداۋدا ئېچىلدى

2015.05.25 09:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا مائارىپ ئۇچۇرلاشتۇرۇش يىغىنى 23-ماي شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. يىغىندا مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تورلاشقان، شىفىرلاشقان، ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە، ئۆمۈرلۈك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش تەكىتلەندى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنتېرنېت تورى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. جۇڭگو مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ۋاسىتە قىلغان سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى تىرىشىپ كېڭەيتىدۇ. مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، رايونلار شەھەر-يېزىلارنىڭ رەقەملىك پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىپ، مائارىپ ئادىللىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مىليونلىغان بالىلارنىڭ كۆك ئاسمان ئاستىدا سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش، بىلىم ئارقىلىق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىختىساسلىقلار كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ، مائارىپ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كەڭرى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق سۇپىسى ئېچىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە مائارىپنى بىرىكتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىپ، ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەمدە سۆز قىلىپ، مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى رولى ۋە ئورنىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن مائارىپ ئوقۇتۇشنى چوڭقۇر بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك رەقەملىك مائارىپ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ھەمبەرلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر