باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بازىسى بازىسى بويىچە ئۈلگىلىك شەھەر بەرپا قىلىش باشلىنىدۇ

تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىشتىن شەھەرلەرگە ياردەم بېرىشكىچە

2015.05.22 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئاساسىي يولى، يېڭلىق يارىتىشنىڭ ئاساسىي قۇشۇنى. يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش مىنىستىرلىق بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بازىسى بويىچە ئۈلگىلىك شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بەردى. خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى. «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش»كە ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدىم.تارماقلار بىرلىشىپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى بەرپا قىلىشقا ئومۇميۈزلۈك مەدەت بېرىپ، سىياسەت تەرتىپىنى ئىخچاملىدى. «كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، «پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش»نى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغان مۇھىم تەدبىر.» مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: مەركەز مالىيەسى ئۈچ يىللىق ئۈلگە كۆرسىتىش مەزگىلىدە، پىلانى ئايرىم شەھەرلەر ۋە ئۆلكە مەركىزى شەھەرلەر 900 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ؛ ئادەتتىكى شەھەرلەر جۈملىدىن بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرگە تەۋە رايون، ناھىيەلەر 600 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، مۇكاپات سوممىسى ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىدۇ.ئىلگىرىكى مەركەزنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى مەبلەغ بىلەن يۆلەش سىياسىتىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ قېتىم قانات يايدۇرۇلغان «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش» خىزمىتىدە، مەبلەغنى ئىشلىتىش تارقاق بولۇش ۋە سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. سىياسەتنى لايىھەلەشتە ئاساسلىق مۇنداق ئىككى خىل ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  بىرىنچى كىچىك، مىكرو كارخانىلار تۈرىگە بىۋاستە مەدەت بېرىش، ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرىگە ئومۇميۈزلۈك مەەت بېرىشكە ئۆزگەرتىلىپ، جايلارنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا يېقىنلىشىش، مۇرەككەپ ئۇچۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلۇپ، جايلارنىڭ تەشكىللەپ يولغا قويۇش جەريانىدىكى مەسئۇلىيەت سوبيېكتىلىق ئورنى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، سىياسەت تەرتىپى ئىخچاملىنىپ، «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىدۇ.

  ئىككىنچى تارماق، كەسپلەرگە ئايرىپ مەخسۇس تۈر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش، مالىيە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، پەن- تېخنىكا، سودا، سودا- سانائەت تارماقلىرى بىرلىشىپ يولغا قويۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، تارماقلار فونكىسسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ خىزمەتلەرنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، «پۇقرارلار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش»قا مەدەت بېرىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر