- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مائارىپ مىنىستىرلىقى 2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، «دىپلوم زاۋۇت» لىرى ئاشكارىلاندى
2015.05.22 15:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 21-ماي 2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى 21-مايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر 2845 كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2553 ى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ (مۇستەقىل تەسىس قىلىنغان، پۇقرالار ئۆز ئالدىغا ئاچقان 447 ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، 275 مۇستەقىل ئىنىستىتۇت، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىشىپ ئاچقان يەتتە مەكتەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 292 سى چوڭلار ئالىي مەكتىپى ئىكەن.
ئىگىلىنىشچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ تۈرلۈك تىزىملىكنى ھەر يىلى ئېلان قىلىدىكەن، لېكىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى تۆۋەن، مەنپەئەت بوشلۇقى زور بولغاچقا، قىسمەن «دىپلوم زاۋۇت» لىرىنى قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان. يېقىندا توردا تارقالغان «دىپلوم زاۋۇتى» تىزىملىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، مەكتەپ قۇرۇش سالاھىيىتى يوق، قانۇنسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ۋە توردا ئالدامچىلىق قىلغان 210 ساختا ئالىي مەكتەپكە چېتىلىپ، جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.
مەنبە خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر