باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەبلەغ، بايلىقنى ئاز ساندىكى مۇنەۋۋەر مەكتەپلەر مەركەزلەشتۈرۈۋېلىشقا بولمايدۇ

2015.05.21 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 20- ماي تېلېگراممىسى. نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى 20- ماي « نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇش»تا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەز ئورۇنلاشتۇرۇغان مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ياتاق قۇرۇلۇشى، ئۈسكۈنە سېتىۋىلىشقا ئالاقىدار تۈر ۋە مەبلەغ پائال بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەكرار بولۇپ كېتىش ياكى قوللاش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ساقلىنىپ، مەبلەغ، بايلىقنىڭ ئاز ساندىكى مۇنەۋۋەر مەكتەپلەرگە مەركەزلىشىپ قېلىش، «كاتتا مەكتەپ»،«نۇقتىلىق مەكتەپ» لەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى توسۇش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇش مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر شارائىتى ناچار، ئاساسىي ئاجىز ئۆلكىلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى «يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاش»، بەلگىلىك خىزمەت ئاساسى ۋە مالىيە كاپالىتى بار ئۆلكىلەرنىڭ ۋەزىپىسى سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، ئۆلچەمگە يىتىش بولۇپ، ھەر بىر ئۆلكىنىڭ ئۆز ئالدىغا نىشان ۋەزىپىسى بار. ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەت ئاساسىدا، رەتلەپ توپلاپ، بىر يۈرۈش مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى تولۇقلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى خىزمىتىنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسىي قىلىش. ئۆلچەم تۈر جەھەتتە باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، ياتاقلىق مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىسىنى، مەزمۇن جەھەتتە مەكتەپ ياتىقى، تەنتەربىيە مەيدانى قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى ۋە مائارىپ تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلىرى(كۈتۈپخانا، ئاپپارات) ئۆلچىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ماددىلار ئېنىق، ئاددى، چۈشىنىشلىك، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر