باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىل ئاخىرىغىچە ئېقىم مىقدارى ۋە كەڭ بەلباغ ھەققى %30 تۆۋەنلەيدۇ

(سىياسەت يەشمىسى)

2015.05.21 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىكى يېقىندا «كەڭ بەلباغلىق تور قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تور سۈرئىتى تېزلىتىش، ھەقنى ئازايتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى تارقاتتى.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «پىكىر»دە تور قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، 2017- يىلىغا بارغاندا سېلىنغان مەبلەغ 110 مىليون يۈەندىن كەم بولمايدۇ ھەم ئابونچىلارنىڭ تور سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزگەن ھەر قايسى ھالقىلار توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك كونكىرت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى ئوپتىك تالا شەھىرى ۋە 4G تور قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ؛ ئىككىنچى يۇقىرى سۈرئەتلىك سېغىمچانلىقى زور ئوپتىكىلىق ئالاقە يەتكۈزۈش سىستېمىسى قۇرۇلىدۇ؛ ئۈچىنچى ئالاقە تورى تايانچ تور قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش؛ تۆتىنچى مەركەزنىڭ خامچوت دائىرىسىدە مەبلەغ سېلىش، ئالاقە تورى خەلقئارا چىقىش- كىرىش ئېغىزى كەڭ بەلباغ سېغىمىنى ئاشۇرۇش؛ بەشىنچى ئىچكى جەھەتتە بۆلىنىپ تارقىتىلىدىغان تور تەرەققىياتىنى تېزلىتىش؛ ئالتىنچى تور بېكەتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ يەتتىنچى تېلېگراف ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھىرلىنىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ،4G تور قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2012- يىلىدىن ھازىرغىچە دۆلىتىمىزدە يان تېلېفون تور ئىقىم مىقدارى ھەققى %60 تۆۋەنلىگەن، مۇقىم كەڭ بەلباغ ھەققى %30 تۆۋەنلىگەن. بىراق دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە تور ھەققى چىقىمى كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىلا بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، شەھەر، يېزىلاردا تەرەققىيات تەكشى بولمىغاچقا، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. 5.17 خەلقئارا تېلېگراف كۈنى مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزدىكى ئۈچ چوڭ كۆچمە ئالاقىچىلىكى كارخانىسى تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، بىراق ئىستېمالچىلار كۈتكەن يېرىدىن چىقمىدى. كەلگۈسىدە «تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىش»نى يوشۇرۇن كۈچى نەدە؟

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىشتە كارخانىنىڭ بازار سوبيېكتىلىق رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك، ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك،«پىكىر» كارخانا ۋە ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت ئىككى قاتلام بويىچە تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كارخانا قاتلىمىدىن قارىغاندا، تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تىجارەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، بىر نەچچە تەدبىر بىللە قوللىنىلىپ تور ھەققىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشكە مەدەت بېرىلىدۇ. ھۆكۈمەت قاتلىمىدىن قارىغاندا، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇق تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، تېلېگراف بازىرى تەرتىپلىك ئېچىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ھەقنى تۆۋەنلىتىش نىشانى بويىچە «پىكىر»دە تور ھەققى سەل ئۆرە بولغان شەھەرلەردە كەڭ بەلباغ تور سۈرئىتىنى ھەقسىز تېزلىتىش ۋە باھانى تۆۋەنلىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئېنىق تەلەپ قىلىندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش دائىملىق يىغىنىدا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شاڭ بىڭ مۇنداق دېگەن: رىقابەتلىشىش، تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ ھەقنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يىل ئاخىرىغىچە يان تېلېفون تور ئېقىم مىقدارى ھەققى ۋە مۇقىم كەڭ بەلباغ، ئىدارە كەڭ بەلباغ ئوتتۇرىچە ھەققى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر