- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قانۇن ئىدارە قىلىش مەزمۇنىدىكى كارتون، مىكرو كىنو ئەسەرلىرى كۆرگەزمە پائالىيىتى باشلاندى
2015.05.21 15:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەدىلىيە مىنىستىرلىكى، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، مەملىكەتلىك قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشخانىسى بىرلىشىپ ئويۇشتۇرغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قانۇن ئىدارە قىلىش مەزمۇنىدىكى كارتون، مىكرو كىنو ئەسەرلىرى كۆرگەزمە پائالىيىتى 20-ماي باشلاندى.
يىغىدىغان ئەسەرلەر ئاساسلىقى ئاممىۋىي ئېلان، تەشۋىقات رەسىمى، ھەجۋىي رەسىم، كارتون فىلىم، مىكرو فىلىم، مىكرو سىن قاتارلىق شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ، تورنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى تەشۋىق قىلىدىغان، 2015-يىلى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان قانۇن-تۈزۈمنى تەشۋىق قىلىپ، قانۇننى ھۆرمەتلەپ، قانۇن ئۆگىنىپ، قانۇنغا بويسۇنىدىغان، قانۇندىن پايدىلىنىدىغان ئىدىيەنى تارقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر