باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخى قىسقىچە ئوقۇشلۇقى» نەشر قىلىپ تارقىتىلدى

2015.05.21 13:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، مەركەز ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى مۇتەخەسسىس ئالىملارنى «جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخى قىسقىچە ئوقۇشلۇقى»نى يېزىشقا تەشكىللىدى. يېقىندا بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچىسى خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا سېتىلدى. بۇ كىتابتا ئوبيېكتىپ مەيدان، تولۇق تارىخىي ماتېرىياللار ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخى تولۇق بايان قىلىنىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكى ئىكەنلىكى، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ۋە شەرقتىكى ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانى ئىكەنلىكى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور بەدەللەرنى بەرگەنلىكى، زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلدى. بۇ كىتابتا يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلىم ساھەسىدىكى تەتقىقاتلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى نۇقتىئىنەزەر، يېڭى تارىخىي ماتېرىياللار ۋە يېڭى سانلىق مەلۇماتلار تولۇق قوللىنىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخى مەسىلىسىدە پەيدا بولغان مۈجمەل تونۇشلار ۋە خاتا قاراشلار دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن چۈشەندۈرۈلدى ۋە جاۋاب بېرىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر