- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىز يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەڭشىمەكتە
2015.05.20 16:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ھازىرغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ بىرىنچى پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممەت مەلۇماتى ئېلان قىلىندى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى يەنىمۇ كۈچەيگەن.
شەرقىي رايوننىڭ مەملىكەت بويىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %60 دىن ئاشتى. بۇ يىل 1-پەسىلدە شەرقىي جۇڭگودىكى ئۆلكىلەر ئىچىدە ئالتىسىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە %7لىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن ئاشتى. جياڭسۇ، جېجياڭ، تيەنجىن ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ٪ 8 لىك ئېشىش سۈرىتىگە يېڭىۋاشتىن قايتىپ كەلدى. شەرقىي جۇڭگو ئالدى بىلەن مۇقىم بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىدىكى مۇھىم تىرەككە ئايلاندى.
ئوتتۇرا،غەربىي رايونلار ئىچىدە ئەنخۇي، چۇڭچىڭ، شىزاڭ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر يېتىشىپ مېڭىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، 1 - پەسىلدە ھەممىسىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى % 8 تىن ئاشتى. ئېنېرگىيە، كان ئېچىش قاتارلىق ئېغىر خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش، شۇنداقلا كارخانىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە شۇنىڭدەك سەنشى قاتارلىق ئۆلكىلەر ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت سەۋىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولدى.
يېڭى ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەكتە. ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3- ئايدىن بۇيان داۋاملىق سۇسلىشىۋاتقان كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار بازىرى ئەسلىگە كەلگەن. سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلار باھاسى نەچچە ئايدىن بۇيان تۆۋەنلىگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەش نىسبىتى تارىيىپ، كاساتچىلىق بېسىمنىڭ يېنىكلىشىگە ئۈمىد تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەقسىمات قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، 1 - پەسىلدە مەملىكەت بويىچە 23 ئۆلكە شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ كىرىمى ئېشىش سۈرئىتى شۇ جاينىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە يېتىشىۋالغان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش سىياسىتى ئارقا ئارقىدىن چىقىرىلدى. يېڭىدىن رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا 1 - پەسىلدە % 38 ئاشتى. مەملىكەت بويىچە توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى % 41 ئاشتى، ئىنتىر تورى بىلەن ئەنئەنىۋى كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشى تېزلەشتى. جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆچمە ئىنتېر تورى بازىرىغا ئايلاندى.
يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى، ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى. ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە ئەمگەك كۈچى بازىرىدا ھازىر ئېھتىياج تەمىنلەشتىن يۇقىرى بولغان. ئىنتېرتورى، بىيولوگىيەلىك دورا ياساش، يېمەكلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى تەخمىنەن 120 گە يېتىپ، 100 ئاساسىي ئۆلچەملىك سىزىقتىن يۇقىرى بولغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر