باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپرېلدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش يەنىمۇ ئاشتى

2015.05.20 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 3-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋاللىرى كۆپەيگەندىن كېيىن، 4-ئايدا بۇ يەنىمۇ ئاشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل 4-ئايدا، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىسىدىن 2508ى تەكشۈرۈلۈپ، 3238كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، 1849 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات بۇ يىل 1 -، 2-، 3-ئايدىكىدىن يۇقىرىكەن.

  تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ تۈرلىرىدىن قارىغاندا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى سەپلەش ۋە ئىشلىتىش مەسىلىسى يەنىلا ئەڭ گەۋدىلىككەن. 4-ئايدا 802قېتىمغا يەتكەن. ئۇنىڭدىن قالسا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قوشۇمچە ياردەم پۇلى تارقىتىش ياكى پاراۋانلىق، توي-تۆكۈن، نەزىر - چىراغنى چوڭ ئۆتكۈزۈش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش قاتارلىقلاركەن. مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، 59 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئايلىق مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى تۇرغۇزدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر