- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جاڭ دېجياڭ كېنىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مۇتۇرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
2015.05.20 16:30 مەنبە: خەلق تورى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا كېنىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مۇتۇرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى : رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ھەقىقىي بولۇش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئىناق ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش »تەك ئافرىقىغا قاراتقان خىزمەت فاڭجېنى ۋە توغرا مەنپەئەت قارىشى- جۇڭگو بىلەن كېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن كېنىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆز-ئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول ئۈنۈملۈك بولدى، ئىككى دۆلەتنىڭ باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ غەلىبە قىلىشتەك ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ھاياتىي كۈچكە تولدى.
جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتلىرى ئالاقىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن كېنىيە پارلامېنتى ناھايىتى ياخشى ھەمكارلىشىش ئەنئەنىسىگە ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرىنچى، سىياسىي جەھەتتىكى ئىشىنىشىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىسەك؛ ئىككىنچىدىن، ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتسەك؛ئۈچىنچى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى پائال كېڭەيتسەك؛ تۆتىنچى، خەلقئارا ھەمكارلىقنى تىرىشىپ كۈچەيتسەك.
مۇتۇرى مۇنداق دېدى: كېنىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدى، ھەمكارلىق ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، كېنىيە جۇڭگو دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشماقتا. كېنىيە پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەر قايسى قاتلاملار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر