- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2015-يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نۇقتىلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر تەستىقلاپ تارقىتىلدى
2015.05.20 16:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن يېقىندا تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 2015-يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نۇقتىلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىرنى تەستىقلاپ تارقاتتى. بۇ ھۆججەتتە بۇ يىل سەككىز جەھەتتە 39 تۈرلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ بىر تۈركۈم بازارنى جانلاندۇرۇش، ھاياتى كۈچنى ئورغۇتۇش، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولغان يېڭى تەدبىرلەرگە چېتىلىدۇ.
پىكىردە كەسىپتىن كارخانىلارغىچە، ئومۇمىي جەھەتتىن قىسمەنلىكىچە، ئىقتىسادتىن خەلق تۇرمۇشىغىچە بىر تۈركۈم ئىسلاھات تىزىملىكى بارلىققا كەلدى:
ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ھوقۇقنى قويۇۋېتىش جەھەتتە، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاھالىلەرنىڭ تېجەشلىك سۇ ئېشلىتىش، تەبىئىي گاز ئىشلىتىشتە پەلەمپەيسىمان باھا تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، بازارغا ئۆلچەملىك كىرىش پاسسىپ تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغان يېتەكچى پىكىر ۋە پاسسىپ لايىھەنى تۈزۈپ، كىرا ئاپتوموبىللىرى كەسپىي ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
كارخانىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا يېتەكچى پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە قايتا تەشكىللەش لايىھەسى تۈزۈش، نېفىت-تەبىئىي گاز تۈزۈلمە ئىسلاھات ئومۇمىي لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تەتقىق قىلىش، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلارغا ئىجازەتلىك كىرىشىنى قويۇۋېتىپ، تۇزچىلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قېلىپلاشقان قەرز ئېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش تەلەپ قىلىندى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرزنى نورما بەلگىلەپ باشقۇرۇشى يولغا قويۇلدى، تىجارەت بېجىنى تاپاۋەت بېجىغا ئۆزگەرتىش دائىرىسى بىناكارلىق، ئۆي-زېمىن، پۇل مۇئامىلە ۋە تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيتىلدى، ئۇنىۋېرساللىق بىلەن تۈرگە ئايرىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەخس تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى لايىھەسى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛
پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پاي چېكى تارقىتىشنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى، پاي ھوقۇقدارلىرى مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش سىنىقى قانات يايدۇرۇلۇپ، شەخسىي باج تاپشۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش تىپىدىكى سودا ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىنىقىنى باشلاش تەتقىق قىلىندى.
شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار ۋە پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى قاتارلىق جەھەتتىكى ئىسلاھاتتا پەۋقۇلئاددە چوڭ بازارلارنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، شەھەر يېزا بىرلىككە كەلگەن نوپۇس تىزىملاش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە يولغا قويۇلدى، يەر ھۆددىگە ئېلىش مۇناسىۋىتىنى ئۇزۇن مۇددەت ئۆزگەرتمەسلىك پىكىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشكارا، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت پەن-تېخنىكا باشقۇرۇش سۇپىسى تۇرغۇزۇش تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش جەھەتتە، ئېكسپورتتا باجنى قايتۇرۇش يۈكى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى، ئىمپورت-ئېكسپورت ھالقىلىرىدىكى ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈچنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەل قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت ئىسلاھات جەھەتتە، ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى تەقسىم قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئوتتۇرا غەربىي رايونلار ۋە نوپۇس كۆپ چوڭ ئۆلكىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش سانىنى كۆپەيتىش، شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنى بىرىكتۈرىدىغان ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھات لايىھەسىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛
ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش جەھەتتە، 50 تۈر ئەتراپىدا ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمى تۈزۈش ياكى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئېنېرگىيە ئۈنۈمدارلىقى باشلامچىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھوقۇقىنى بېكىتىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەر زېمىن دەريالارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى ئىقتىسادشۇناسلىق بۈلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ جەنبىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىسلاھات پىلانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە- ئىنچىكە ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈش، تۈرلۈك ئىسلاھاتلار ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈلۈش-كۆرۈلمەسلىكىنىڭ ئاچقۇچى- ئۆز جايىدا ھەقىقىي ئۈنۈم بېرىشتە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر