- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ تۇنجى 10 يىللىق ھەرىكەت پروگراممىسى
گوۋۇيۈەن «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025»نى تارقاتتى
2015.05.20 15:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ قول قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025»نى تارقىتىپ، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغاندىن بۇيانقى تۇنجى 10 يىللىق ھەرىكەت پروگراممىسى.
ياسىمىچىلىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ سۇبيېكتى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى، دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قورالى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئۇلى. ھازىر، دۇنيا ياسىمىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى بىلەن ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھالقىسىدا زور ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ، چوقۇم نۆۋەتتىكى كەم تېپىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسەت مۇھىتىنى ياخشىلاپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىدىن جۇڭگو ئىجادىيىتىگە قاراپ ئۆزگىرىش، جۇڭگو سۈرئىتىدىن جۇڭگو سۈپىتىگە قاراپ ئۆزگىرىش، جۇڭگو مەھسۇلاتىدىن جۇڭگو ماركىسىغا قاراپ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
«جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتە يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەتنى 1-ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى ئاساس قىلىش» ئاساسىي فاڭجېنى، «بازار رەھبەرلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت يېتەكلەش، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ھازىرقىنى ياخشى قىلىش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرىلىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىپ، ئېچىۋېتىپ ھەمكارلىشىش» ئاساسىي پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ قەدەمدە مېڭىش» ئارقىلىق ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك: بىرىنچى، 2025-يىلغىچە ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قاتارىغا كىرىش؛ ئىككىنچى، 2035-يىلغىچە ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق ئومۇمىي سەۋىيەسىنى دۇنيادىكى ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش؛ ئۈچىنچى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلىدا ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار جەھەتتە دۇنيادىكى ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرگۈزۈش.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر