باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى دوختۇرخانىلارنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش سىناق نۇقتىسى يېتەكچى پىكرى تارقىتىلدى

2015.05.20 15:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى «شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلارنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش سىناق نۇقتىسى يېتەكچى پىكىرىنى» بېسىپ تارقاتتى، شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كۆچۈرگىلى ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئىسلاھات يولىنى تېزىن شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىلدى.

  «پىكىردە» مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرشىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ئاساسى نىشانى ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ پايدا ئېلىش مېخانىزىمىنى بۇزۇپ تاشلاش، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، كاپالەت مەسئۇلىيىتى، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى پاراۋانلىقنى قوغدايدىغان، ئاكتىپچانلىقنى قوزغايدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەرىكەت يېڭى مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئىش تەقسىملەپ ماس ھەرىكەت قىلىدىغان داۋالاش مۇلازىمىتى سېستىمىسى ۋە دەرىجىگە بۆلۈپ دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش قېلىپىنى بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى تەش بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش. 2015-يىلغىچە شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش. 2017-يىلغىچە ئىسلاھات سىناق نۇقتىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.

  «پىكىردىكى» نۇقىتىلىق ۋەزىپە مۇنداق يەتتە جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى: بىرىنچى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش. ئىككىنچى، ئاممىۋى پاراۋانلىقنى قوغدايدىغان، ئاكتىپچانلىقنى قوزغايدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ھەرىكەت مېخانىزىمىغا كاپالەتلىك قىلىش. ئۈچىنچى، داۋالاش سۇغۇرتىسى تۆلىمى ۋە نازارەت قىلىپ كونترول قىلىش رولىنى كۈچەيتىش. تۆتىنچى، داۋالاش كەسىپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كادىرلار ئىشلىرى يېڭى مائاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش. بەشىنچى، تۈرلۈك داۋالاش ئاپپاراتىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مۇلازىمەت سېستىمىسىنى ئورنىتىش. ئالتىنچى، دەرىجىگە بۆلۈپ دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. يەتتىنچى، داۋالاش سەھىيەنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر