- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
22 ئۆلكىدىكى ئىككى مىڭغا يېقىن كىشىگە چېتىشلىق تېما ئۆچۈرۈش چوڭ دېلوسى پاش قىلىندى
2015.05.20 15:13 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر تېما ئۆچۈرسە مىڭ يۈەندىن يۇقىرى پۇل تاپقىلى بولىدىكەن، بىر كۈندە نەچچە تۈمەن يۈەن تاپقىلى بولىدىكەن، بىر ئايدا ئاسانلا يۈزمىڭ يۈەن تاپقىلى بولىدىكەن. يېقىندا خۇبېي ئۆلكىسى چىچۈن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تېما ئۆچۈرۈش چوڭ دېلوسىنى پاش قىلدى. مەملىكەت بويىچە 22 ئۆلكىدىكى ئىككى مىڭغا يېقىن كىشى دىلوغا چېتىشلىق بولۇپ، دېلوغا چېتىشلىق سومما 50 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تېما ئۆچۈرۈش كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدىغان 26 ياشلىق بىر جىنايەت گۇماندارى 4 يىلدا يەتتە مىليون 800 مىڭ يۈەن ساپ پايدا تاپقان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر