باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىر قولدا پەن تەتقىقات، بىر قولىدا بازارنى تۇتتى

2015.05.20 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتنى قوزغىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىزدىكى بەزى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ئالدىن سىناق قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش سۇپىسى ۋە كەسىپلەر ئىتتىپاقىنى بەرپا قىلدى، بىر قولدا پەن تەتقىقات، بىر قولىدا بازارنى تۇتتى. ئىلگىرى قاتتىق بېسىلىپ ياتقان پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز جانلاندۇرۇلۇپ، ئۆزگەرتىلىپ، بازارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەتلىك مەھسۇلات يارىتىشتىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى جوڭكى ۋىيگۇاڭ شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، ئىككى ئاي بۇرۇن بۇ شىركەت «كارامەت يىڭنە سانجىغۇچ» دەپ ئاتالغان مەھسۇلاتنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. قان تومۇرنى كۆرۈش، ئاسما ئوكۇل ئۇرۇش ئەمدى ئاسان بولدى . ئەمەلىيەتتە، بىر قانچە يىل ئىلگىرى بەزى كارخانىلار بۇ مەھسۇلاتنى .ئىشلەپچىقارماقچى بولسىمۇ ، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانىدى . جۈرۈينىڭ قوشۇنى پەقەت بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپلا بۇ خىل مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. ئەمەلىيلەشكەن يېڭىلىق يارىتىش بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇزاق مۇددەت تەجرىبىخانىدا جۇغلانغان بايلىقلارنى قوزغاتتى. نۆۋەتتە بۇ قان تومۇر تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئاپپاراتىنى 200 دىن ئارتۇق دوختۇرخانا سېتىۋالدى، ئوتتۇرا شەرق، جەنۇبىي ئامېرىكا قاتارلىق 20 نەچچە رايوننىڭ ۋاكالەتچىلىرى توختام ئىمزالىدى، توختام سوممىسى نەچچە 10 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  مەلۇماتقا قارىغاندا، ھازىر مەملىكەت بويىچە 5100 ئالىي تېخنىكوم ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ھەر يىلى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇقنى تاماملايدىكەن . لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلغان ھەمدە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات مىقدارى پەقەت % 20 ئەتراپىدىكەن . تەجرىبىخانىدىكى نەتىجىلەرنى ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىر تەرەپتىن قارمىقىدىكى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ نەتىجىلەرنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا مەدەت بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق بازار ئاچتى.

  شۇگۇاڭ شىركىتىنىڭ بەش تەتقىقات ئورنى نەتىجىسى ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ چىققان يېڭى مەھسۇلاتى تۇمان بىر گەۋدە ماشىنىسى كەلگۈسى ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولغان ھاۋا سۈپىتىنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ شۇنداقلا يەنە بۇلغىمىلارنىڭ كېلىش مەنبەيىنى تەھلىل قىلالايدۇ. نۆۋەتتە، تۇمان بىر گەۋدە ماشىنىسىنىڭ سېتىلىشى 100 مىليون يۈەنگە يەتتى، مەملىكەت بويىچە 10 نەچچە مۇھىت كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش تارماقلىرى بۇنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىۋاتىدۇ. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قۇرۇلغان تۇنجى «يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش ئىتتىپاقى» بولغان شۇگۇاڭ شىركىتى ئون نەچچە تەتقىقات ئورۇنىغا باشلامچىلىق قىلىپ، بۇلۇت ھېسابلاش ۋە چوڭ سانلىق مەلۇماتلارغا يۈزلەنگەن پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى باشلىدى.

  ئېلىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتنى قوزغىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسەن يادرولۇق تەلىپىگە ئاساسەن، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپ ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش كەسىپلەشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر