باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ئاممىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىدى

2015.05.20 13:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەن تېخنىكا ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئېلىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  نۆۋەتتە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئوتتۇرا تۆۋەن سەۋىيەدىن ئوتتۇرا يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۆزلۈكسىز بارلىققا كەلگەن يېڭى ئىجادىيەت، يېڭى ھۈنەر سەنئەت، يېڭى تۈر، ئەنئەنىۋى كەسپنى تېخىمۇ جانلاندۇردى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر مۇقىم قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ ھەم جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىگە تىرەك بولۇپ، دۇنياغا ئېسىل جۇڭگو ماركىسىنى نامايەن قىلدى.

  بەش يىل ئىلگىرى سېلىنغان 20 مىليون مەبلەغنىڭ نۆۋەتتە بازاردىكى قىممىتى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى، يەتتىكەن يۇلتۇزى سۈنئىي ھەمرا يول باشلىغۇچى ئاۋىئاتسىيە بازىسى ئۆزىكى قاتارلىق يەتتە يېڭى مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ چىقىلدى.

  تۈزۈلمە مېخانىزىمىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرلۈك توسالغۇلارنى يەڭدى. ماشىنا خاڭجۇدىن يولغا چىقىپ، يول بويى غەرپكە قاراپ مېڭىپ، مىڭ يىللىق قەدىمى بازار ئىسكىلاتىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئىلگىرىكى ئاشلىق چوڭ ئىسكىلاتى ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئىسكىلاتىغا ئايلانغان ئىدى. ئارزۇ ئىستەكلەرگە تولغان بىر كىچىك بازار ۋۇجۇدقا كەلدى. بۇ كىچىك بازارغا كىرىش بىلەن يانفون WIFI غا ئۇلىنىدۇ. بۇ يەرنىڭ كەڭ بەلۋاغ تورى رايون ئىچىدە 10 مىڭ مىگاۋات، بىنالاردا مىڭ مىگاۋات ئۆيدە يۈز مىگاۋات ئىدى. ئۆي ئىجارىسى ھەقسىز، WIFI مۇ ھەقسىز، بۇلۇت سۇپىسىمۇ ھەقسىز؛ ياتاق بىناسى، ئىنىستىتۇت، بازار، يېتەكچىنىڭ ھەممىسى تەييار بولۇپ، بۇ كىچىك بازار ئارزۇسى بار، جۇشقۇن، بىلىملىك، ئىگىلىك تىكلەش ئويى بار ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ دەسمايىسى يوق، تەجىربىسىز، بازار يوق، تىرىكى يوق بولۇش قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا بۇ يەرگە توپلىشىدىغان ستۇدېنت ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر 10 مىڭدىن، ئىگىلىك تىكلەش تۈرى 2000 دىن ئاشىدۇ.

  زور ئارزۇ ئىستەكلەرگە تولغان جۇش ئۇرۇپ تۇرغان بۇ كىچىك بازار ئامما ئىگىلىك تىكلەيدىغان، ھەممە يېڭىلىق يارىتىدىغان گۈلزارلىقتىكى بىر غۇنچىغا ئوخشايتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىسى ئازلىقتىن ئومۇمىيلىققا قاراپ ماڭماقتا، يېڭىلىق يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىش ھۆكۈمەت ئاساس بولۇشتىن بازارنىڭ كۈچىگە تايىنىشقا قاراپ ئۆزگەرمەكتە، ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، چوڭ كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇدا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، پەن تېخنىكا خادىملىرى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلىرى، چەتئەلدىن ئوقۇپ قايتقان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئاساس قىلىنغان ئىگىلىك تىكلەش چوڭ قوشۇنى زور ئارزۇ ئىستەكلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاتلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر