- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەلق گېزىتىدە «دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسى ئۈچۈن ۋەدە بىرەيلى» دېگەن ماقالە ئېلان قىلىندى
2015.05.20 13:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بۈگۈن نەشردىن چىققان «خەلق گېزىتى»دە «دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسى ئۈچۈن ۋەدە بىرەيلى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى.
ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دۇنيا چوڭ ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەش، ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ئۈچۈن، رەئىس شى جىنپىڭ «تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى »دېگەن سۆزنى 62 قېتىم تىلغا ئالدى. ئاشۇ چوڭقۇر قاتلاملىق، پەلسەپىۋى بايانلار دۇنياغا جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەرقايسى ئەللەر خەلقى بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ گۈزەل يەر شارى ئائىلىسىنى بىرلىكتە قۇرۇشقا ئىنتىزار ئېكەنلىگىنى ئېيتىپ بەردى. ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئوخشاش بولمىغان ئېتىقاد، تۈزۈم ۋە مىللەتتىكى دۆلەتلەر تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىپ، ئورتاق مەنپەئەت ئارقىلىق ئىختىلاپ ۋە قارشىلىششنى يېڭىپ، ئىنسانىي ئىدراك ئارقىلىق دۇنيانىڭ كەلگۈسىىنى تاللىشى كېرەك. تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تەشەببۇس قىلىش- جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشقا ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىىشىپ تەڭ غەلبە قىلىش ئېڭىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان جۇڭگو تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر