باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«2015-يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نۇقتىلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر» تارقىتىلدى

2015.05.20 13:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلاپ ئىمزا قويۇشى ئارقىلىق گوۋۇيۈەن يېقىندا تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «2015-يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نۇقتىلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر»نى تەستىقلاپ تارقاتتى. «پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھات ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈل. پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي نىشانى بويىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ ۋە ئۇنى يېتەكلەپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئىسلاھاتى ئارقىلىق، مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات لايىھىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، بازارنى قوزغىتىشقا، ھاياتى كۈچنى قويۇۋېتىشكە، مۇقىم ئېشىشىقا پايدىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بىر يۈرۈش ئىسلاھات يېڭى تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھات پايدىسىنى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە سەككىز جەھەتتىكى 39 تۈرلۈك يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئىسلاھاتىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك: ئىككىنچى، كارخانا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، مالىيە باج ئىسلاھاتى ئومۇمىي لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا يېڭى ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تۆتىنچى، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىدىغان تۈزۈلمە مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ بەشىنچى، شەھەر بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار ۋە پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئالتىنچى، ئېىچىۋېتىلگەن ئىقتىسادى يېڭى تۈزۈلمە بەرپا قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول » ئىستراتېگىيەسى ۋە لىنىيە بويىدىكى ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش كېرەك. يەتتىنجى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سەككىزىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر