باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20-مايدىن 20-سېنتەبىرگىچە مەملىكەت بويىچە ياز پەسىللىك ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ

2015.05.20 13:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ جامائەت خەۋپىسزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 20-مايدىن 20-سېنتەبىرگىچە مەملىكەت بويىچە ياز پەسىللىك ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئادەم كۆپ سورۇنلار، ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئورۇن ۋە مەدەنىي يادىكارلىققا كىرىدىغان قەدىمكى ئىمارەتلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئوت ئاپىتى خەۋپى يۇقىرى ئورۇنلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈپ، ياز پەسلىدە مەملىكەت بويىچە پەۋقۇلئاددە زور بولۇپمۇ، نۇرغۇن كىشى قازا قىلىش، يارلىنىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە، زور پائالىيەت مەزگىلىدە تەسىرى بار ئوت ئاپىتى ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە 143مىڭ قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 804 ئادەم قازا قىلغان، 365 ئادەم يارلانغان، بىۋاستە مال-مۈلۈك زىيىنى بىر مىليارد 499مىليون يۈەن بولغان. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى يازدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا مەزگىلىگە كىردى، يېقىنقى ئۈچ يىلدىكى ستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ياز پەسلى ئوت ئاپىتى ئاسان، كۆپ يۈز بېرىش مەزگىلى بولۇپ، ئوت ئاپىتى ئومۇمىي سانى ئۆرلەش ھالىتىدىكەن، ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ۋەقەلەر ۋە ئېلېكتر سايمانلىرى ئوت ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىكەن، زور ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى ئېغىر پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتىمۇ بەزىدە يۈز بېرىدىكەن. شۇڭا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر