باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە

2015.05.20 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆپ يىللار ھەرتەرەپلىمە ئەمەلىي كۈچنى جۇغلاش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ قورال-جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىكى نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدارى دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. تۆمۈر يول، ئېلېكتىر، خەۋەرلىشىش، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، قۇرۇلۇش ماشىنىسى قاتارلىقلار خەلقئارا رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ساھەلەرگە ئايلاندى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغاچقا، قورال-جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلمەكتە. سودا مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولىشىچە، بىرىنچى پەسىلدە جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىسى پۈتۈن سودىنىڭ % 26 ىنى ئىگىلىگەن. جۇڭگو فرانسىيە، ئارگېنتىنا، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن يادرو ئېلېكتىر ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان، پاكىستاندا ئالتە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان، ھەمدە پاكىستانغا تېخىمۇ كۆپ يادرو رىئاكتورى ئېكىسپورت قىلغان. جۇڭگو ياسىمىچىلىقى تۆمۈر يول ۋە يادرو ئېلېكتىرىدىن سىرت يەنە باشقا ساھەلەردە سىرتقا يۈزلىنىش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە. ھازىر، جۇڭگو قازاقىستان بىلەن پولات-تۆمۈر، سېمونت، تاختا ئەينەك، خىمىيە سانائىتى، ماشىنىسازلىق، رەڭلىك مېتال، يىنىك توقۇمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىمۇ زىچ ھەمكارلىشىپ، 28 تۈرنى ئىمزالىغان، بۇ تۈرلەرگە سېلىنغان مەبلەغ 23 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر