باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تەڭشىلىدۇ

2015.05.19 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بۇلتۇر، گوۋۇيۈەن ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاشى ۋە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى توغرىسدا سىياسەت چىقاردى، بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرىغچە جايلاردا مائاش جەزمەن تەڭشىلىشى كېرەك.»گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى تەڭشەش ۋاقىت جەدۋىلىىنى بېكىتتى.

  دېمەك، بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 40 مىليونغا يېقىن ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى 40 مىليونغا يېقىن ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ مائاشى تەڭشىلىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، مەملىكەت ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئايدا كىشى ئوتتۇرىچە ئەمەلىي قۇشۇلغان مائاش 300 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن.

  لى كېچياڭ 12- ماي ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى، باشقۇرۇشنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە فونكىسسىيەنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىدا يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان. لى كېچياڭنىڭ 15- ماي بۇ يىغىندا سۆزلىگەن سۆزى تولۇق ئېلان قىلىنغان. لى كېچياڭ يەنە مۇنداق دېگەن: «يان ئىشىك»نى قەتئىى توسىساقلا، مەمۇرلەرنىڭ ھوقۇقىنىڭ تەقسىماتقا قاتنىشىش، ھارام پايدا قىلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئالدى ئىشىك ئېچىلىپ، مۇكەممەل، نورمال مائاش ئۆستۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر