- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
4- ئايدا مەملىكەت بويىچە سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 2508ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى 21 نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىرغا پارتىيە ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلدى
2015.05.19 15:13 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمى تور بېكىتىنىڭ بۈگۈن كەچ 2015- يىلى 4- ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 2508 مەسىلە، 3238 كىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مەملىكەت بويىچە سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، 59 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدا سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئايلىق دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورناتتى. 4- ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 2508 مەسىلىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش، بەلگىلىمە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما پۇل ۋە پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش، توي- تۆكۈن، نەزىر- چىراقلارنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىلىرى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ،802 قېتىم، 366 قېتىم، 357 قېتىمغا يەتكەن.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر