خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ماي، جۇڭگو ئاخبارات تورى «خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە بانكىغا پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ 3 مىليون يۈەن ئامانەت پۇلى يوقاپ كەتتى، بانكا مەسئۇلىيەت يوق دېدى» دېگەن تېمىدا يۈ بىڭنىڭ جۇڭگو سودا – سانائەت بانكسى شىجياجۇاڭ جيەنخۋا تارماق بانكىسىدا ئامانەت قويغان ئۈچ مىليون يۈەننىڭ غەلىتىلا يوقاپ كەتتەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئون نەچچە سودا – سانائەت بانكىسىدا پۇل ئامانەت قويغۇچىلار جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ مۇخبىرىنى ئىزدىكەن، ئۇلارنىڭمۇ جۇڭگو سودا – سانائەت بانكسى شىجياجۇاڭ جيەنخۋا تارماق بانكىسىدا قويغان پۇلى يۈبىڭنىڭكىگە ئوخشاش قىسمەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.
دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان سومما نەچچە 10 مىليون يۈەن ئىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى