باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۈچ چوڭ تىجارەت كارخانىسىنى چاقىرتىپ يىغىن ئاچتى

2015.05.15 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىش لايىھەسى ئېلان قىلىنىدۇ

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ ئۇدا ئۈچىنچى قېتىم تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىشنى دەۋەت قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۈچ چوڭ تىجارەت كارخانىسى بۈگۈن تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، تور ھەققىنى تۆۋەنتلىشى لايىھەسىنى ئېلان قىلىدىغان بولدى. بيېجىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تورنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆچمە خەۋەرلىشىش تور سۈرئىتىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىش پىلانى توغرىسىدا يىغىن ئاچىدۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش بۇ قېتىم تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش شەكلى «ھەقسىز قاتلاش» بولىدىكەن.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۈچ چوڭ تىجارەت كارخانىسىنى چاقىرتىپ لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدىتۈنۈگۈن لى كېچياڭ زۇڭلىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمى يىغىنىدا، تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، تور ھەققىنى تۆۋەتلىتىشكە ئالاقىدار بەش تۈرلۈك كونكىرت تەدبىر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تېلېگراف كارخانىلىرىنى تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىش لايىھە پىلانىنى تېزدىن ئېلان قىلىپ، شەھەرلەردە كەڭ بەلباغ تورىنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى نىسبىتىنى %40 تىن ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقىم مىقدارىنى نۆللەشتۈرمەسلىك، ئىقىم مىقدارىنى تەقدىم قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. زۇڭلى بىر ئايدا «تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىش»كە ئىككى قېتىم دەۋەت قىلدى، بۇنىڭدىن زۇڭلىنىڭ بۇ ئىشقا قانچلىك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. تىجارەت كارخانىسى ئىچكى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈنۈگۈن سانائەت ۋەئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۈچ چوڭ تىجارەت كارخانىسىنى چاقىرتىپ يىغىن ئېچىپ، ئۇلاردىن تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىش لايىھەسىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئىچكى جەھەتتە كېلىشىش ئارقىلىق، بۈگۈن سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى جامائەتچىلىككە تەڭشەش لايىھەسىنى ئېلان قىلىدىكەن، ئۈچ چوڭ تىجارەت كارخانىسى جامائەتچىلىككە تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىشنى كونكىرت ئىجرا قىلىش لايىھەسىنى ئاشكارىلىمىغان.

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر