- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىر چىقىرىپ، ئىستودېنتلارنى ھەربىيلىككە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈردى
2015.05.15 15:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەر ئېلىش ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەھكىمىسى بىرلىشىپ 13-ماي بېيجىڭدا مەملىكەت بويىچە ئىستودېنتلاردىن ئەسكەر ئېلىش خىزمىتى تېلېۋزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، 2015-يىللىق ئىستودېنتلارنى ئەسكەرلىككە ئېلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.
ئىستودېنتلارنى ئەسكەرلىككە ئېلىش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ چىقارغان مۇھىم قارارى بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق مائارىپىغا تايىنىپ قىسىمنى يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەشنىڭ زۆرۈر تەلىپى، شۇنداقلا ئارمىيەنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى.ئىستودېنتلارنى ھەربىيلىككە قاتنىشىشىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىستودېنتلاردىن ئەسكەر ئېلىشنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئەسلىدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئاساسىدا يەنە ئالتە تۈرلۈك تەدبىر چىقاردى.
ئىگىلىنىشچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ «مەملىكەت بويىچە ئەسكەر ئېلىش تورى»نى ئاچقان ۋە توردا تىزىملىتىشنى باشلىغان، باش شتاب يەنە يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن ئەسكەرلىككە ئېلىنىدىغان پۇقرالارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ۋە چارىسىنى ئېلان قىلىپ، ياشقا توشقان ياشلارنىڭ ھەربىيلىككە قاتنىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق ۋە قولايلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر