مەملىكەت بويىچە «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»نى ئېلان قىلىش-مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ نەق مەيدانىدىن كۆرۈنۈش (جۇڭگو ئاياللىرى گېزىتى مۇخبىرى ياڭ رۈي فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 14-ماي بېيجىڭدا «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»نى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شېن يۆيۆ مەملىكەت بويىچە 100 «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»نى ئېلان قىلدى ۋە سۆز قىلدى.ئىنە-سىڭىللىرىغا 30 نەچچە يىل ياردەم بېرىپ، ئاخىرىدا پۈتۈن ئائىلىنى بېيىش يولىغا باشلىغان خېبېيلىق ليۇڭ چاڭيىڭ ئائىلىسى، مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىسى ئۈچۈن سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرغان گۇاڭشىلىق ۋاڭ فاڭ ئائىلىسى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان شەنشىلىك مەھەللە ساقچىسى ۋاڭ يۇڭ ئائىلىسى ۋە پارتىيەنى سۆيۈپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان، «يىمېڭ قىزىل يەڭگە» روھىغا ۋارىسلىق قىلغان شەندۇڭلۇق جاڭ شۇجېن ئائىلىسى يىغىندا ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى سۆزلىدى.مەملىكەت بويىچە «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» شەرىپىگە ئېرىشكەن 100 ئائىلە ئىچىدە نەچچە ئەۋلاد بىرلىكتە ياشاپ، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەپ، قېرىنداشلىرىنى سۆيىدىغان ئائىلىلەر، ئەر-خوتۇن ئىناق ئۆتۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئائىلىلەر، ئائىلە ئادىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلىگەن ئائىلىلەر، ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئېنېرگىيەنى تېجەپ مۇھىتنى ئاسرايدىغان ئائىلىلەر، جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئائىلىلەر بار.
مەنبە: خەلق تورى