- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى ھيۇستوندا ئۆتكۈزۈلدى
2015.05.14 14:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى بىلەن ئامېرىكا تېكساس يېزا-ئىگىلىك، سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى 11-مايدىن 13-مايغىچە ئامېرىكىنىڭ ھيۇستوندا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ئامېرىكا خەلق دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شۇ كۇاڭدى، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇي تيەنكەي، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى چوڭ بۇشنىڭ ئۈچىنجى ئوغلى، نۇر نۇقتىسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى نىر بۇش، ھيۇستون شەھىرىنىڭ باشلىقى ئەنىس پاك قاتارلىقلار مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بىدىن ۋىدېيودا تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن كەلگەن 400 دىن كۆپرەك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، مۇتەخەسسىس ئالىم ۋە كارخانا ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە ئالاقىدار ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر