- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلىكتە قۇرىدىغان موسكۋا- قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۈمۈريولى كېلىشىمىنىڭ كىلەر ئايدا ئىمزالىنىشىدىن ئۈمىد بار
2015.05.13 16:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۈمۈريول ياساش تۇنجى كېلىشىمى 5- ئاينىڭ ئاخىرى ئىمزالىنىدۇ. جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۈمۈريول پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى 12- ماي ئېلان چىقىرىپ، شىركەتكە قارمىقىدىكى جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۈمۈريول پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى 2- تەكشۈرۈپ لايىھەلەش يۇرتى گۇرۇھى قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن رۇسىيە كارخانىسىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە لايىھەلەش كوللىكتىپى رۇسىيە موسكۋا- قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۈمۈريول تۈرىنىڭ تەكشۈرۈپ لايىھەلەش قىسمىغا خېرىدار بولغان. ھازىر بۇ بىرلەشمە لايىھەلەش كوللىكتىپى ئىچكى ئىش تەقسىماتى، خىزمەت پىلانى، ھەمكارلىق، باشقۇرۇش مىخانېزىمى جەھەتلەردە كېڭىشىۋېتىپتۇ، رەسىمىي كېلىشىمنىڭ 5- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىمزالىنىشىدىن ئۈمىد بار. «موسكۋا- قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۈمۈريولى» رۇسىيە 2008- يىلى 11- ئايدا ئېلان قىلغان «2030- يىلى تىرانسىپورت تەرەققىىيات ئىستىراتېگىيەلىك پىلانى»نىڭ تەركىبى قىسمى، كەلگۈسىدە يېكاتېرىنبورگقىچە تۇتاشتۇرۇلىدۇ. تۈر ئومۇمىي مۇساپىسى 770 كىلومېتىر، ئەڭ تېز سائەتلىك سۈرئىتى 400 كىلومېتىر، رېلىس ئارىلىقى 1520 مىللىمېتىر. تۈمۈريول پۈتكەندىن كېيىن، موسكۋا- قازان ئارىلىقىدىكى پويىز قاتناش ۋاقتى ھازىرقى 14 سائەتتىن 3.5 سائەتكە قىسقىرايدۇ. بۇ تۈر 2018- يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى پۈتكۈزۈلىدىكەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر