- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمى تور بېكىتى: نۆۋەتتە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى قائىدىگە خىلاپ سەپلەش ۋە ئىشلىتىش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ
2015.05.13 16:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 1- ماينىڭ ئالدى كەينىدە مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمى توربېكىتى ئۇدا تۆت ھەپتە مەركەز سەككىز تۈرلۈك بەلگىلمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 487 دېلونى ئېلان قىلدى، 682 كىشىنى ئىسىم- فامىلىسى بىلەن ئاشكارىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى قائىدىگە خىلاپ سەپلەش ۋە ئىشلىتىش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان. مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمى تور بېكىتى 12- ماي تەھلىل قىلىشىچە، نۆۋەتتە «تۆت خاھىش»تا سەل پەل ياخشىلىنىش بولغان، بىراق «سۇ كېتىدۇ تاش قالىدۇ، ئوسما كېتىدۇ قاش قالىدۇ»دېگەندەك يەنىلا «پېتىنالماسلىق» ھالىتىدە تۇرۇۋېتىپتۇ، «قىلماسلىق» شۇنداقلا «ئويلىماسلىق» دەرىجىسىگە بارماپتۇ.
ئىسىم – فامىلىسى ئاشكارىلانغان 682 كىشىنىڭ ئىچىدە 65 كىشى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان بولۇپ، بىر تەرەپ قىلىنغانلارنىڭ %10 نى ئىگىلىگەن؛ يەتتە كىشى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان؛45 كىشىنىڭ سوبيېكتىپ جاۋابكارلىقى، يەتتە كىشى نازارەت قىلىش جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر