باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇا چۈنيىڭ: جۇڭگو ئەنگلىيە يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ

2015.05.13 11:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۈنۈگۈنكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا جۇڭگو ئەنگلىيە يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇمۇيۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ، دېدى. ئەنگلىيە سايلىمىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىدىن باش ۋەزىر كامىرون رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامىنت تۆۋەن پالاتاسىدا يېرىم ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكى، بۇ پارتىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغانلىقى ئايان بولدى. ئەنگلىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسى ئۈلۈشكۈن باش ۋەزىر كامىروننىڭ يېڭى كابىنت تەشكىللىگەنلىكىنى جاكارلىدى. خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ 8-ئاپرېل تېلېگرامما يوللاپ باش ۋەزىر كامىروننىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. جۇڭگو بىلەن ئەگلىيە مۇھىم تەسىرگە ئىگە دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر