باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مېڭ جيەنجۇ موڭغۇلىيە دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ كاتىپى ئىنخىتۇبشىن بىلەن كۆرۈشتى

2015.05.13 11:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا موڭغۇلىيە دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ كاتىپى ئىنخىتۇبشىن بىلەن كۆرۈشتى. مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا، جۇڭگو موڭغۇلىيە بىلەن تەڭ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ خىل كۈچكە، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە زەربە بېرىش قاتارلىق قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ نورمال ئىقتىساد سودا ۋە خادىملار ئالاقىسىنى ئۈنۈملۈك قوغداشنى خالايدۇ. ئىنخىتۇبشىن: جۇڭگو بىلەن بىللە ئىككى تەرەپنىڭ قانۇن ئىجراسى جەھەتتىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر