باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ «ئۈچ چوڭ تىرەك بەلبېغى» رايون تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى

2015.05.12 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان «بىر بەلباغ بىر يول » قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى .

  28 -مارت، دۆلەتلىك تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ « يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى » نى ئېلان قىلىپ ، سىياسىي جەھەتتىن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئەل رايىنى يېقىنلاشتۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، يېڭىچە تۇراقلىق ھالەتتە، ئىشىكنى ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مەركەز ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش، يىپەك يولى فوندى تەسىس قىلىش ۋە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قاتارلىق چوڭ قۇرۇلۇشلارنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، لىنىيە بويىدىن ئەتراپتىكى رايونلارغىچە يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ۋە رايون ۋە ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىقىنى كۆپ تەرەپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، « بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا خۇشاللىنارلىق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  16 - ئاپرېل، «چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى » رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشتىن، مەخسۇس يىرىك پىلان ۋە كونكرېت يولغا قويۇشقا قاراپ تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتە ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى 12 تاموژنا بارلىق رايون تاموژنىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش كارىدورىنىڭ قۇرۇلۇشى، كەسىپلەرنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى ۋە رايون چوڭ بازىرىنىڭ بەرپا قىلىشى بىلەن چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ھەقىقىي تۇتىشىپ، يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ، جانلىنىشىغا ئۈمىد تۇغۇلدى.

  30 - ئاپرېل، «بېيجىڭ تيەنجىن خېبېينى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلان پىروگراممىسى » قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. پىروگراممىدا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يادروسى- بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك راۋانلاشتۇرۇش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى يېتىلدۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، پەقەت بېيجىڭ جوڭگۇەنسۈندىكى 869 كارخانا خېبېي، تيەنجىندە شۆبە - تارماق ئاپپاراتتىن 1532نى تەسىس قىلدى. « بىر بەلباغ بىر يول » قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى ئىستراتېگىيەلىك كۈچلۈك تىرىكى ئاستىدا ، ئېلىمىزنىڭ رايونلار تەرەققىياتى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر