باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

فەن چاڭلوڭ رۇسىيەنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئېلىمىز ھەربىي پارات ئەترىتى ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

2015.05.11 13:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلوڭ 9-ماي چۈشتىن كېيىن رۇسىيەنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئېلىمىز ئارمىيەسى ھەربىي پارات ئەترىتى تۇرۇشلۇق جايغا بېرىپ ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنى يوقلىدى، ئۇلارنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىگە ۋاكالىتەن ھەربىي پاراتتىن ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇلارنى تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، قۇدرەتلىك قوشۇن بولۇش نىشانىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  پەن چاڭلوڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئارمىيەمىز تەكلىپكە بىنائەن رۇسىيەنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ قىزىل مەيداندىكى ھەربىي پارات مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا ھەربىي پارات چاسا ئەترىتى ئەۋەتىشى ئىنتايىن مۇھىم سىياسىي ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  سىلەر رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەدبىر يوليورۇقلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسكىن قىياپەت، رەتلىك قەدەم، قاتتىق ئىستىل، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ھەربىي پاراتتىن ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مۇۋەپپەقىيەتلىرى، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشقا بولغان قەتئىي ئىرادىسى، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتى، مەدەنىي قىياپىتىدىن ئىبارەت ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو رۇسىيە دۆلەتلىرى، ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتۇڭلار. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئارمىيەمىز ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، چەتئەل ئارمىيەسىنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەينەك قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى ھەربىي پارات پائالىيىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن شەرەپلىك ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنلىشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر