باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىزدىنىش ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 9-سانىدا يولداش جاڭ شىبو بىلەن يولداش ليۇ ياجوۋنىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىندى

2015.05.11 13:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىزدىنىش ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 9-سانىدا دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى يولداش جاڭ شىبو بىلەن دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى يولداش ليۇ ياجوۋنىڭ «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشكە ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابى ھەربىيلەردىن بولايلى- يولداش جاڭ گوچۈننىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىدىن ئۆگىنەيلى» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇرۇش مۇدىلى سىستېمىسى كافېدراسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ گوچۈن بارلىقىنى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئەمەلىي ئۇرۇش چوڭ تىپتىكى ئۇرۇش مودېلى مانېۋىر سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا بېغىشلىدى، ئۇنىڭ غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىشى، جان تىكىپ بېغىشلىشى، ھاياتى بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابى ھەربىيلەرنىڭ ئۈلگىسى.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، روھى، ئىقتىدارى، ۋىجدانلىق، ئەخلاق-پەزىلىتى بار يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈش مۇھىم ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يولداش جاڭ گوچۈننىڭ ئىلغار ئىش - ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشتە ئەڭ مۇھىمى روھتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ماھىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇتلەق سادىق، مۇتلەق پاك، مۇتلەق ئىشەنچلىك سىياسىي تەلەپنى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، روھى بار يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەردىن بولۇش؛ يولداش جاڭ گوچۈننىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشتە، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى ۋە مەسئۇلىيەت بۇرچنى مەھكەم ئەستە ساقلاپ، دادىل يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش داۋامىدا غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان، پىشقان ھەقىقىي ماھارەتنى تاۋلاپ، ئىقتىدارى بار يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەردىن بۇلۇش؛ يولداش جاڭ گوچۈننىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشتە، ئۇنىڭغا ئوخشاش جاپا- مۇشەققەتتىن قورقماي، كۈچ سىنىشىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان قەيسەر پەزىلەتكە ئىگە بولۇپ، ۋىجدانلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەردىن بولۇش؛ جاڭ گوچۈننىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشتە، ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئىستىلى ياخشى، پەزىلىتى پاك، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشالايدىغان، ئاددىي-ساددا، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان سەمىمىي، دۇرۇس، قەلبى مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان مەسئۇلىيەتچان، ئەخلاق-پەزىلەتلىك يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابى ھەربىيلەردىن بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر