باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گاس-گاچا ئوقۇغۇچىلاردىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى چەتئەل تىلىنىڭ ئاڭلاش ئىمتىھانى بىكار قىلىنىدۇ

2015.05.11 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلدىن باشلاپ، ئىمتىھان بېرىدىغان گاس ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى چەتئەل تىلىنىڭ ئاڭلاش ئىمتىھانىنى بىكار قىلىشقا بولىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا « مېيىپلاردىن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىشنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئىمتىھان ئېلىش ئاپپاراتلىرىدىن ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش، چەتئەل تىلى ئاڭلاش ئىمتىھانىنى بىكار قىلىش، چوڭ خەتلىك ئىمتىھان قەغىزى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىشنى بەلگىلىگەن. ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىش جەھەتتە، بەلگىلىمىدە مۇنداق دېيىلدى: ئەمالار يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزى ئىشلەتكەن ئەما ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى بۇ تۈرنىڭ بەلگىلەنگەن ئىمتىھان ئومۇمىي ۋاقتى ئاساسىدا يەنە % 50 ئۇزارتىشقا بولىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا مېڭە پارالىچى ياكى باشقا كېسەللەر كەلتۈرۈپ چىقارغان قولى بىلەن نورمال خەت يازالمايدىغان ياكى قولى يوق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قاتارلىق خەت يېزىشتا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى بۇ تۈرنىڭ بەلگىلەنگەن ئىمتىھان ئومۇمىي ۋاقتى ئاساسىدا يەنە %30 ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر