باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش يېڭى ئۈستۈنلۈكىنى ياراتتى

2015.05.11 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-پەسىلدە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاجىز بولدى، كاپىتال يەر شارى مىقياسىدا مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئىزدىدى. %7لىك ئېشىش سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلغان جۇڭگو ئىقتىسادى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئارقىلىق، چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش يېڭى ئۈستۈنلۈكىنى ياراتتى.

  بىر قانچە كۈندە، ئەمدىلا ۋىۋىسكا ئاسقان تيەنجىن ئەركىن سودا رايونى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تارماق لىنىيە ئايروپىلان ياساش كارخانىسى بومبادىرنى يېڭىدىن مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلدى، بومبادىرنىڭ ئايروپىلان رېمونت شۆبە شىركىتى بۇ يەرگە ماكانلاشتى. تيەنجىن ئەركىن سودا رايونىغا ماكانلاشقان بومبادىر بىر كۈندىلا تىجارەت كىنىشكىسىگە ئېرىشتى. 8-مايدىن باشلاپ، سەلبىي تىزىملىكتىن باشقا كەسىپ ۋە ساھەلەرگە چەتئەل مەبلىغى ئەركىن كىرسە بولىدۇ.

  تيەنجىنلا ئەمەس، 4-ئايدا ۋىۋىسكا ئېسىلغاندىن بۇيان، بىر قانچە ئەركىن سودا رايونى چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئېچىۋېتىش ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇ ئىش ئەركىن سودا رايونى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئۆتكەن ئايدا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن « چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان كەسىپلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇندەرىجىسى » رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇنىڭدا چەتئەللىك سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قويۇلغان چەكنىڭ يېرىمى قىسقارتىلدى، مۇلازىمەت كەسپى ۋە ئادەتتىكى ياسىمىچىلىققا كىرىش ئۆلچىمى نۇقتىلىق تۆۋەنلىتىلدى. ئىسلاھات پەيدا قىلغان غايەت زور ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل كاپىتالىنى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، روچې، ھاۋا خىمىيە سانائىتى، بوچى قاتارلىق داڭلىق دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار كەينى-كەيندىن جۇڭگوغا مەبلەغ سالدى. يەر شارىدا چەت ئەل مەبلىغىنى قوبۇل قىلىش ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئېلىمىزنىڭ چەتئەل مەبلىغى قوبۇل قىلىشى يەنىلا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىمەكتە. 1 - پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 34 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 ئاشتى.

  ھازىر جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭىچە تۇراقلىق ھالەتكە قەدەم قويۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما چوڭقۇر تەڭشەلمەكتە، بولۇپمۇ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى بىلەن، چەت ئەل مەبلىغى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شياۋشەندە ئوتتۇز مىليون ئامېرىكا دوللىرى چەتئەل مەبلىغى سېلىنغان داۋالاش كۈتۈنۈش ئاپپاراتى جىددىي قۇرۇلماقتا. بىرىنچى پەسىلدە، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلانغان ئەمەلىي مەبلىغى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن % 24.1 يەتتى، پۈتۈن قوبۇل قىلغان چەتئەل مەبلىغىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى % 60 تىن ئاشتى.

  ياخشى سىياسەت مۇھىتى، غايەت زور بازار بوشلۇقى ۋە بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلىشى بىلەن چەت ئەل كارخانىلىرى جۇڭگوغا داۋاملىق مەبلەغ سېلىش ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يەتتى. «شاڭخەي ئامېرىكا سودا جەمئىيىتى »نىڭ «2015 - يىلىدىكى جۇڭگونىڭ سودا ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش »ىگە قارىغاندا، % 67 زىيارەت قىلىنغان كارخانا بۇ يىل جۇڭگودىكى مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر