باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

داۋالاش خاراكتېرىدىكى بىيولوگىيەلىك ياسالمىلارنى ۋاكسىنا سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە تۇنۇشتۇرۇش چەكلىنىدۇ

2015.05.11 09:56         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا جايلاردىكى سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتلىرىغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكىنىسى ئەملەشنى تەرتىپكە سېلىشقا ئالاقىدار تەلەپلەرنى قايتىدىن تەكىتلىدى ھەم داۋالاش خارەكتېرىدىكى بىيولوگىيەلىك ياسالمىلارنى ئاممىغا ۋاكسىنا سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە تونۇشتۇرۇشنىڭ قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە ۋاكسىنا ئەملەش مۇلازىمىتى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاكسىنا ئەملەش ۋە سېتىۋېلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ۋاكسىنا ھەركىتىنى تەرتىپلەشتۈرۈپ، ۋاكسىنا ئەملەش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئامباردا تەكشۈرۈش، ساقلاش تېمپېراتۇرىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولۇق، ھەقىقىي خاتىرلەش تەلەپ قىلىندى. ئۇقتۇرۇشتا يەنە ۋاكسىنا ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلماسلىق، ۋاكسىنا بولمىغان مەھسۇلاتلارنى تەشۋىق قىلماسلىق، ئىككىنچى تۈرلۈك ۋاكسىنىنى بىرىنچى تۈرلۈك ۋاكسىنا ئورنىدا ئىشلەتمەسلىك بەلگىلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر