باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇش ئارخىپىدا دۆلەت ئۆلچىمىنى قوللىنىدۇ

2015.05.08 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنى 7- ماي جېجياڭنىڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندىن ئىگىلىنىشىچە، 2014- يىلى ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ سىرتقا ئېچىۋىتىلىشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلگەن، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن فۇجيەن ئەركىن سودا رايونى ۋە جۇڭگۈەنسۈن دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزۈش سىياسىتىنى قويۇۋېتىش نۇقتىدا سىناق قىلىندى. ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ ئۆلچەملەشكەن قۇرۇلۇشى يەنىمۇ تېزلىتىلدى، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى بويىچە تۆت تۈرلۈك ئۆلچەم تۈزۈلدى، بۇلار يولغا قويۇلۇۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بۇ يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان نەق مەيداندا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە پات ئارىدا ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلىدىغان كۆچمە خادىملارنى باشقۇرۇش ئارخىپى مۇلازىمىتىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدىن ئىبارەت. ئارخىپ باشقۇرۇشتا ئېلان قىلىنغان دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە ئارخىپ باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئارخىپنىڭ ئىختىساسلىقلار بازىرىغا تېخىمۇ راۋان يەتكۈزۈلۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر